ھىندىستان بوللىۋۇدنىڭ ئارتىسى ئانتاليا ۋالىيسىنى زىيارەت قىلدى

بوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىدىن جون ئابراھام ئانتاليانى ياخشى كۆرگەنلىكىنى، شەھەرنى ھىندىستاندا تونۇشتۇرىدىغان ئەلچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

842818
ھىندىستان بوللىۋۇدنىڭ ئارتىسى ئانتاليا ۋالىيسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى جون ئابراھام ئانتاليا ۋالىيسى مۈنىر كارائوغلۇنى زىيارەت قىلدى. ئابراھام زىيارەت داۋامىدا قىلغان سۆزىدە، پۇتبول كوماندىسى ئانتاليادا دەم ئېلىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى، بۇندىن بۇرۇن فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئانتالياغا كەلگەنلىكىنى ۋە شەھەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جون ئابراھام ھىندىستان بوللىۋۇد مەركىزىنىڭ تۈركىيەگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆتكەن يىلى ئانتاليادا بىر ئاي تۇرۇپ، بىر فىلىمنىڭ سۈرىتىنى ئالدۇق، بۇ جەرياندا ئانتاليانى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئانتاليانىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىسى بولۇشنى ىالايمەن. تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئانتاليا ئۈچۈن ھىندىستاندا، ھىندىستانغا بۇ يەردە ۋەكىلى بولۇشنى خالايمەن، بۇ مەسىلىلەردە ئۈستۈمگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا تەييارمەن» دېدى.

ئۇ ھىندىستان پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئانتاليانى ساياھەت قىلىشنى تاللىشى جەھەتتە قولىدىغان كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتاليا ۋالىيسى مۈنىر كارائوغلۇ ئابراھامنىڭ زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەنتەربىيە ھەمدە سەنئەت ساھەسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتتى. ۋالىي مۈنىر كارائوغلۇ جون ئابراھامنىڭ پۇتبول كوماندىسىنى باشلاپ ئانتالياغا دەم ئېلىشقا كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ساھە بويىچە تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋالىي مۈنىر كارائوغلۇ زىيارەت ئاخىرىدا جون ئابراھامغا لوڭقا سوۋغا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر