بوزداغ: «تىرىلىش - ئەرتۇغرۇل» فىلىمى ئىشلىنىدۇ
تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىرىلىش – ئەرتۇغرۇل»نىڭ رىژېسسورى مەھمەت بوزداغ، يېقىندا داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ فىلىمىنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
840939
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تىرىلىش – ئەرتۇغرۇل» نىڭ فىلىمى ئىشلىنىدۇ؛ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىرىلىش – ئەرتۇغرۇل»نىڭ رىژېسسورى مەھمەت بوزداغ، يېقىندا داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ فىلىمىنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«تىرىلىش – ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ رىژېسسورى مەھمەت بوزداغ، بىر مېدىيا ئورگىنىنىڭ «تىرىلىش» نىڭ فىلىمى ئىشلىنەمدۇ؟ دېگەن سوئالىغا «تىرىلىش – ئەرتۇغرۇل> نى ئۈچ مەۋسۇملۇق ھالەتتە پىلانلىغانىدىم. بىراق، كۈچلۈك قىزىقىشنى كۆرۈپ، 4 – مەۋسۇممۇ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. ئەرتۇغرۇل يەنە بىر مەۋسۇم داۋاملىشىدۇ. نېسىپ بولسا، <تىرىلىش – ئوسمان> بۆلۈمىگە ئۆتۈشنى پىلانلاۋاتىمەن. <تىرىلىش> نىڭ فىلىمىمۇ ئىشلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.