داڭلىق رېژىسسور خوپېر ئالەمدىن ئۆتتى
دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق رېژىسسور توبې خوپېر 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قورقۇنچلۇق كىنو – فىلىملەرنىڭ مەشھۇر رېژىسسورى خوپېرنىڭ، لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىدە تەبىئىي سەۋەبلەردىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
سېنارىست، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان خوپېر، 1943 – يىلى 25 – يانۋاردا تېكساسنىڭ ئاۋستىن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، رېژىسسورلۇق سەپىرىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى 1960 – يىللاردا ئوپېراتورلۇق قىلىش بىلەن باشلىغان. قورقۇنچلۇق فىلىملارنىڭ بايراقدارى ھېسابلىنىدىغان خوپېر، 1974 – يىلى «تېكساس قەتلىئامى» ناملىق فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان ۋە 300 مىڭ دوللاردىنمۇ ئاز چىقىم بىلەن سۈرەتكە ئېلىنغان «تېكساس قەتلىئامى» بۇ ساھەدىكى ئەڭ تەسىرلىك فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ئۇ، 1982 – يىلى سېنارىيەسىنى ستېۋېن سپىئېلبېرگ يېزىپ چىققان «يامان روھ» ناملىق فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان.