ترابزون خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

ترابزون ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىستانبۇل ترابزون فېدېراتسىيەسى بىلەن ئانادولۇ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئېرپان جەمئىيىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ترابزون خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالى» باشلىدى.

791619
ترابزون خەلقئارا كىنو – فىلىم فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل تۇنجىسى يورۇق كۆرگەن «تەنتەربىيە ۋە ياشلىق» تېمىلىق فېستىۋال دائىرىسىدە، ئاتاتۈرك مەيدانىدىن زاغنوس ۋادىسىغىچە يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى؛ مەھتەر كۇلۇبى سەنئەتچىلىرى، تۈرك كىنو – فىلىم ئارتىسلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان يۈرۈش پائالىيىتى خەلقنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

زاغنۇس ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا خەلق ئويۇنلىرى ئەترەتلىرى ۋە ترابزون شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەھتەر كۇلۇبى سەنئەتچىلىرى نومۇر كۆرسەتتى.

ئېچىلىش نۇتۇقلىرى سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن، زاغنۇس ۋادىسىدىكى ئوچۇق ساھەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەردىدە، ھىندىستانلىق رېژىسسور ئامىر خاننىڭ «دانگال» ناملىق فىلىمى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر