ئىران 700 يىللىق چېركاۋ قوڭغۇرىقىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

ئىران مەدەنىيەت مىراسلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئورگىنى غەربىي ئەزەربەيجان رايونىغا جايلاشقان ئۇرمىيە ئانتروپولوگىيە مۇزېيىدىكى 700 يىللىق چېركاۋ قوڭغۇرىقىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

787637
ئىران 700 يىللىق چېركاۋ قوڭغۇرىقىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورگاننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىرھادى قاراسەييىد رومىئانى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىراندىكى بارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ئاسارە – ئەتىقىلەرنى ئۆز ئىگىسى بولغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇش بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىدۇق.»

بۇ سىياسەتنىڭ ئىراننىڭ تىنچلىق ۋە دوستلۇق مەدەنىيىتىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رومىئانى. «بارلىق قانۇنىي باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن ئىراننىڭ ھەقىقىي غايىسى بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسىتىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

1377 – يىلى 7 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىدىكى مەريەم ئانا چېركاۋىغا تەقدىم قىلىنغان قوڭغۇراق، ئۇرۇشلار جەريانىدا ئىرانغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ھازىرغىچە ئۇرمىيەدىكى ئانتروپولوگىيە مۇزېيىدا ساقلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر