قەدىر كېچىسى بەشتەپە مىللەت جامەسىدە ۋە ئاياسوفيادا ئىدراك قىلىنىدۇ

ئىسلام دىنىدا مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق بولغان چارشەنبە كۈنىنى پەيشەنبە كۈنىگە باغلىغان كېچە ئىدراك قىلىنىدىغان قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىكى بەشتەپە مىللەت جامەسىدە ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

756838
قەدىر كېچىسى بەشتەپە مىللەت جامەسىدە ۋە ئاياسوفيادا ئىدراك قىلىنىدۇ
ayasofya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەدىر كېچىسى بەشتەپە مىللەت جامەسىدىكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ. پائالىيەتكە، مىسىردىن كەلگەن قارى مەمدۇھ ئىبراھىم ئامىر، قارى ئادەم كەمانەجى، جەنۇبىي ئافرىقىلىق قارى ئابدۇرراھمان سادىئېن، بوسنىيەلىك قارى سەناد پودوجاكلار قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى قىلىدۇ. پائالىيەتتە ئىلاھىي ناخشىلارمۇ ئوقۇلىدۇ. پائالىيەتتىن كېيىن زوھۇرلۇق ئۈچۈن قالغانلارغا مىللەت جامەسىدە تاماق تارقىتىپ بېرىلىدۇ، شام ۋە خۇپتەن نامىزى ئارىلىقىدىمۇ تاماق تارقىتىلىدۇ.

قەدىر كېچىسى ئىستانبۇلدا ئاياسوفيادا ئىدراك قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى پائالىيەتكە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ. ت ر ت دىيانەت قانىلى پائالىيەتنى «بەرىكەت ۋاقتى ئاياسوفيا» ناملىق پىروگراممىدا بىۋاستە نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ. ئاياسوفيا جامەسىدە قۇرئان كەرىم، تەكبىر ۋە ئەزان ئاۋازلىرى ياڭرايدۇ.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى. ئۇ: «بىز مۆئمىنلەرنىڭ قەدىر كېچىسىدە قىلىدىغان ۋەزىپىمىز، ئەسىرلەر بۇرۇن نازىل بولۇپ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشقا باشلىغان قۇرئاننى، قەلبىمىزنىڭ ئاسمىنىغا قايتىدىن چۈشۈرۈشتۇر» دېدى.

ئۇ، ئاللاھنىڭ بۇ كېچىدە نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم بىلەن ئىنسانىيەتنى مۇكاپاتلاندۇرغانلىقىنى، ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇكەممەل دىن بولغان ئىسلام بىلەن ئىنسانىيەتنى شەرەپلەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر