ئادىياماندا رىم دەۋرىگە ئائىت تاش رەسىم تېپىلدى

ئادىيامان ۋىلايىتىنىڭ گۆلباشى ناھىيەسىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرگە تەۋە تاش رەسىم تېپىلدى.

755368
ئادىياماندا رىم دەۋرىگە ئائىت تاش رەسىم تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆلباشى ناھىيەسىنىڭ چاكماك مەھەللىسىدە ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان كەمال ۋە مەھمەت. ئا ئىسىملىك ئىككى ئاكا-ئۇكا رىم دەۋرىگە ئائىت تاش رەسىم تېپىۋېلىپ، ئەھۋالنى قوراللىق ساقچى قىسىمغا ئىنكاس قىلغان. خادىملار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، رەسىمنى ئادىيامان مۇزېيخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق رەسىمنىڭ تەخمىنەن 1600 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر