تۈركىيەدە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينايدۇ

6 – نۆۋەتلىك چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان توپلۇملار باشقارمىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرەدە چاقىرىلدى.

750312
تۈركىيەدە ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان توپلۇملار باشقارمىسىنىڭ «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى» نى ئېلىپ ئوقۇغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار، دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان توپلۇملار باشقارمىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ياشلار، «تۈركىيەدە ئوقۇش باشقا دۆلەتتە ئوقۇغانغا ئوخشىمايدۇ. تۈركلەر سەمىمىي ئىنسانلار. بىر دۆلەتنىڭ قانداق ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىز تۈركلەردىن ئۆگەندۇق» دېيىشتى.

تۈركىيەگە كەلگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ياشلار، تۈركىيەدە ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە پەرقلىق ئادەتلەرنى ئۇچراتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى» غا ئۆتكەن يىلى 172 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس سۇندى.

ھەر يىلى 5 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۈركىيەدە ئوقۇيدۇ. نۆۋەتتە 160 دۆلەتتە 60 مىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر