ئايفون8 نىڭ رەسىملىرى ئاشكارىلاندى

ئايفون8 نىڭ بارماق ئىزى تونۇيدىغان ۋە چوڭايتىلغان ئېكرانى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەر ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئاشكارىلاندى.

745790
ئايفون8 نىڭ رەسىملىرى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايفون تور بېتىدە ئايفون8 گە مۇناسىۋەتلىك بەزى رەسىملەر ئاشكارىلاندى. رەسىملەرگە قارىغاندا، ئايفون8 نىڭ ئېكران گىرۋەكلىرى ئىنچىكە ئەمەس، بىراق بالدۇرقى ئايفون نۇسخىلىرىغا قارىغاندا خېلىلا ئوخشىمايدۇ. ئالدى يۈزىنىڭ كۆپ قىسمى ئېكران بىلەن قاپلانغان. چوڭلۇقى ئايفون7 ۋە 7 Plus بىلەن ئوخشاش.

ئايفون8 ئايفون ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا ئاتاپ ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، باھاسى 1000 دوللارنىڭ ئۈستىدە بولۇش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر