ئافغانىستاندا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن تىلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇلدى
ئافغانىستاندا مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن زان نامى ئاستىدا تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇلدى.
745666
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا مەخسۇس ئاياللارغا قارىتىلغان تۇنجى تېلېۋىزىيە قانىلى زان ( Zan ) خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
فىرانسىيەدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى TV5نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زان قانىلىنىڭ مەسئۇلى ھامىد ساھار، قانالنىڭ ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قانىلدىكى رىياسەتچىلەرنىڭ ئاياللار بولىدىغانلىقىنى ۋە 14 ئەردىن تەشكىل تاپقان تېخنىكا ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايال تېخنىكا خادىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ساھار مۇنداق دېدى: «ئاياللارغا ئىشلەش ۋە ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم.»
ساھار قانالدا ئافغان جەمئىيىتى ۋە ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق پىروگراممىلارنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.