تۈركىيە - ئۇكرائىنا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئىلىمىي خىزمەتلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

745390
تۈركىيە - ئۇكرائىنا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىلىم – پەن مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئانتاركتىكا ئەھدىنامىسى كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئانتاركتىكا تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمزالانغانلىقى خاتىرىتىلگەن باياناتتا، تۈرك ۋەكىللەر بىلەن يېڭى بىرەر كېلىشىم ئىمزالىماستىن بۇ ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئانتاركتىكا ئىلىم – پەن مەركىزى بىلەن ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇتۇپ تەتقىقاتلىرى مەركىزى ۋە تۈرك دېڭىز تەتقىقاتلىرى ۋەقپى ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ھەر خىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تەركىب تاپقان تۈرك ئىلىم – پەن ھەيئىتى، ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا ئانتاركتىكادا ئىلمىي سەپەردە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر