تۈركىيە فىلىپپىندە جامە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى سالدى

تۈركىيە دىيانەت ۋەقپەسى فىلىپپىننىڭ تاكلوبان شەھىرىدە جامە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى سالدى.

744550
تۈركىيە فىلىپپىندە جامە ۋە مەدەنىيەت مەركىزى سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىندە تۈركىيە دىيانەت ۋەقپەسى تەرىپىدىن سېلىنغان تاكلوبان جامەسى بىلەن ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جۈمە نامىزى ۋە دۇئاللار بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئېچىۋېتىلدى.

تاكلوبان شەھىرىدە  ئۆتكۈزۈلگەن جامەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە دىيانەت ۋەقپەسى بىلەن دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى ۋەكىللىرىدىن سىرت، يەرلىك مەسئۇللار ۋە شەھەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.

شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى سامبو تاۋكاسىن 2013-يىلى مەيدانغا كەلگەن تەيفېڭ بورىنى پالاكىتىدىن كېيىن شەھەرگە كېلىپ ياردەم قولىنى سۇنغان ئىككى دۆلەتتىن بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ، تاكلوباندىكى  مۇسۇلمان جامائىتىگە تولىمۇ قىممەتلىك ھەدىيە سوۋغا قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈل رىشتىسىنىڭ بۇ جامە بىلەن تېخىمۇ قۇۋەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىلىپپىن مىقىياسىا جامە بەرپا قىلىش ۋە رېمونت خىزمەتلىرىگە تەخمىنەن 1 مىليون دولار چىقىم قىلغان تۈركىيە دىيانەت ۋەقپەسى تەرىپىدىن ئېچىلغان تاكلوبان جامەسى بىلەن ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 350 كىشىلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر