«دۇنيا تۈركىيەنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى كۆرىدۇ»

ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى، يېڭى تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا تەييارلانماقتا.

732597
«دۇنيا تۈركىيەنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى كۆرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن 8 يىلچە مۇقەددەم تارقىتىش ھاياتىنى باشلىغان، يېقىنقى مەزگىللەردىكى تارقىتىش سىياسىتى ۋە كۆرۈرمەنلەر بىلەن دىدارلاشتۇرغان يەرلىك ھۆججەتلىك فىلىملىرى بىلەن جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى، يېڭى تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا تەييارلانماقتا.

ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى كوردىناتورى سۈلەيمان تەزگەل، ھازىرغىچە ئىنسان ھېكايىلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا غەربلىك رېژىسسورلارنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە بايان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز بىلەن، تېخىمۇ ھېسسىياتلىق، ئىنسانلارنى چۈشىنىدىغان، مېھرى – شەپقەت مەركەزلىك بىر ھۆججەتلىك فىلىمچىلىقنى روياپقا چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. دۇنيا بۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۆكتەبىر ئېيىدا يېڭى تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ۋە خەلقئارا سەۋىيەدىكى يەرلىك ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر