يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى... دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، بايرامنى تەبرىكلىدى.

731762
يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، ئانىسىنى سېغىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا، «بۇ دۆلەتتىكى ھەر بىر ئانىنى ئۆز ئانامدەك كۆرىمەن» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم شېھىت ئانىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋە رەھمەت ئېيتقان ھالدا، ئانىلارنىڭ سۆيگۈ ۋە سەۋرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار بولسا، تېلېگراممىسىدا «مىللىتىمىزنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ئازادلىق ۋە قۇرۇلۇشنىڭ مىمارى غازى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنى يېتىشتۈرگەن زۇبەيدە خانىم بىلەن شېھىت ۋە غازى ئانىلىرى باشتا بولۇپ ھەممىمىزنىڭ پۈتكۈل ئانىلارغا ھەر دائىم ئەڭ ئالىي ھۆرمەت ۋە ئەڭ چوڭقۇر سۆيگۈنى ئىزھار قىلىشى، ئەڭ مەنىلىك ۋەزىپىلىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى. ئۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پىداكار ئانىلاردىن ئالغان كۈچ سايىسىدا مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ «ئانىلارغا ھاقارەت قىلىشتەك ئېغىر قىلمىش يوقتۇر» دېدى. ئۇ، ئانىلارنىڭ پارلاق تۈركىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر