خەلقئارالىق ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى پائالىيىتى باشلاندى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ 9-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى» ۋە «ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

730874
خەلقئارالىق ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى پائالىيىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 9-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرى» ۋە «ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم كۈنلىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇل بەيئوغلۇدىكى گرەند پېرادا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەر قاتناشتى. ت ر ت مۇئاۋىن باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن، ت ر ت نىڭ تۈركىيەدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ت ر ت باش كاتىپى بۇنيامىن قورقماز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانغا ۋە ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان سۈپەتلىك ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىلقى 9-نۆۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرىغا، 78 دۆلەتتە ئىشلەنگەن 677 فىلىم قاتنىشىپ، تۇنجى قېتىم رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 36 فىلىم ھەل قىلغۇچ تاللاشقا كىردى. مۇراسىمدا، رېژىسسور ئىسابېللا بونى كلاۋېرنىڭ «فىرانسۇز بولالمايدىغان قارا تەنلىك» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.

ھۆججەتلىك فىلىم ھەۋەسكارلىرى بۇ يىل (2017) ئىستانبۇلدا بىر-بىرىدىن ئېسىل ئىشلەنگەن فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ.

ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 15-ماي جەمال رەشىت رەي كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر