مىراج كېچىسى قوللار دۇئاغا كۆتۈرۈلدى

رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كېچىسى ھېسابلىنىدىغان مىراج كېچىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جامەلەر جامائەت بىلەن لىق تولدى.

718979
مىراج كېچىسى قوللار دۇئاغا كۆتۈرۈلدى
mehmet görmez.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدى ھەرامدىن مەسجىدى ئەقساغا ۋە ئۇ يەردىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن مىراج كېچىسىنى دۇئالار بىلەن كۈتۈۋالدى. جامەلەردە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى، ئىلاھىي ناخشىلار ئوقۇلدى، دۇئا ئۈچۈن قوللار كۆككە كۆتۈرۈلدى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ئەنقەرەدىكى بەشتەپە خەلق جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىغا قاتنىشىپ، مىراج كېچىسىنىڭ خاسىيىتىنى چۈشەندۈردى. ئۇ سۈرە ئىسرانى تەپسىر قىلىپ، مۇنداق دېدى:

مىراج ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئۇنىڭغا قۇل بولۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى جاكارلانغان مۆجىزە خاراكتېرلىك كېچىدۇر. مىراج فىزىكىلىق ئالەمدىن مېتافىزىكىلىق ئالەمگە، بەدەندىن روھقا، قۇلنىڭ رەببىگە ۋە ئادەم بولۇشتىن ئىنسان بولۇشقا يۈكسېلىشتۇر.»

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دىيانەت جامەسىدىمۇ مىراج كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتكە، ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردا ياشايدىغان ئوخشىمايدىغان ئېتنىك گۇرۇپپىدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلار قاتناشتى.

مىراج كېچىسى ماكېدونىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، سېربىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ دۇئالار بىلەن كۈتۈۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر