ئەردوغان: مۇسۇلمانلار بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىققا قايتىدىن يۈزلىنىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتىن ئىقتىسادقىچە، مەدەنىيەتتىن سەنئەتكىچە كەڭ دائىرىلىك بايلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

718640
ئەردوغان: مۇسۇلمانلار بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىققا قايتىدىن يۈزلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەش ھەپتىسى پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىدىن بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىققا يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەش ھەپتىسى پائالىيىتىگە باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەزمۇ ئىشتىراك قىلدى؛ باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پائالىيەت ئەسناسىدا سۆز قىلىپ، «بىز پەيغەمبەر سۆيگۈسى ئارقىلىق ئاللاھ سۆيگۈسىگە يېتىشنى مۇراد قىلغان بىر مىللەتمىز. پەيغەمبەر سۆيگۈسىنى روھىمىزنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا سىڭدۈرگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىنشائاللاھ پەيغەمبەر سۆيگۈسىدىن ئاللاھ سۆيگۈسىگە يېتىمىز» دېدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋەللۇتىنى تەبرىكلەش ھەپتىسى پائالىيىتىنىڭ بۇ يىللىق تېمىسىنى تاللاش مەسىلىسىدە توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىشەنچ كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئائىلىسىگە، پۈتكۈل دۇنياغا ۋە پۈتكۈل كائىناتقا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ <ئەلئەمىن> سۈپىتىنى قايتىدىن خاتىرىلىتەيلى، ئىنسانىيەتنىڭ يېگانە ئىشەنچ مەنبەسى ۋە پاناھگاھى بولغان رەببىمىزنى يېڭىدىن ئەسلىتەيلى، دېدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر