قۇرتۇلمۇش: بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى شۇ كۈنى ئاخشىمى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈرك مېدىياسىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، دۇنيا ئۈلگە بولىدىغان روھنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

688537
قۇرتۇلمۇش: بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى شۇ كۈنى ئاخشىمى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى تۈرك مېدىياسىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، دۇنيا ئۈلگە بولىدىغان روھنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى ۋەزىپە ئۆتىگەن ژۇرنالىستلارنىڭ يەكۈن ۋە تەسىراتلىرى ئورۇن ئالغان «ئۇرۇنۇش» ناملىق كىتابنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە خەۋەر ئوپېراتورلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بەيئوغلۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى سايىسىدا 110 مۇخبىر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «15 – ئىيۇل ئۇرۇنۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرلىرىغا ۋە 15 – ئىيۇلدا دېموكراتىيەنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان مېدىيا ئورگانلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئەمەك كىنوخانىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

كىتابنى تونۇتۇش كېچىلىكىگە قاتناشقان باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 15 – ئىيۇل كېچىسى تۈرك مېدىياسىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشىدا خەلقنىڭ ئوينىغان رولى ئۈستىدىمۇ توختالغان قۇرتۇلمۇش، «بۇ مىللەت، دېموكراتىيەنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر قاتار قىممەت – قاراشلارنىمۇ قايتىدىن قولغا كەلتۈردى. ھەمكارلىشىشنى ئۇ ئاخشام ئۆگەندۇق؛ بىرلىك بولۇشنى، باراۋەر بولۇشنى، بىرلىك ئىچىدە بولۇشنى، ۋەتەنپەرۋەر بولۇشنى، دۆلەتكە ئىگە چىقىشنى، ئوخشىماسلىقلارنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، بىرلىك روھى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ئۇ كېچە يەنە بىر قېتىم ناھايىتى ئېچىنىشلىق شەكىلدە كۆردۇق، ئەمما بۇ مىللەت، 15 – ئىيۇلدا پەقەت ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەنسۇپ شايكا ۋە قاراقچىلارغىلا قارشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆشنىسىنى سىلاۋاتقانلارغا قارشى ئۆزىنىڭ قانداق ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان بولدى» دېدى.

كىتاب تونۇتۇش كېچىلىك پائالىيىتى جەريانىدا، 15 – ئىيۇلدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق كىتابقا ھەسسە قوشقان مەتبۇئات مەنسۇپلىرىغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر