تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم نەشر قىلدى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ «دۇنيادا قۇرئان كەرىم نەشر قىلىنمىغان بىر تىلمۇ قالمىسۇن» دېگەن پىلان-لايىھەسى بويىچە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان.

681807
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم نەشر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى «دۇنيادا قۇرئان كەرىم نەشر قىلىنمىغان بىر تىلمۇ قالمىسۇن» دېگەن لايىھە بويىچە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىشنى 2016-يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەن بولۇپ، يېقىندا 2مىڭ پارچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىپ تارقاتقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپېرانتى ئاتاۋۇللاھ ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ئىككى ئايدىن ئارتۇق خالىسانە ئىشلەش جەريانىدا، بۇ خىزمەتنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىلا قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆز تىلىدا چۈشىنىشكە ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1984-يىلى قۇرئان كەرىمنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ تارقاتقان. ئارىدىن تەخمىنەن 10 يىل ئۆتكەندە قۇرئان كەرىم ئۇيغۇر تىلىدا مەدىنەدە ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ تارقالغان. بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىمۇ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشر قىلىپ تارقاتقان.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى نەشر قىلغان بۇ قېتىمقى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىككى خىل نۇسخىدا بېسىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر