مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بۈگۈن باشلىنىدۇ

بۇ كاتتا مۇراسىم، لېكسىيە يېغىنلىرى، تىياتىر نومۇرلىرى، كۆرگەزمە، دىنىي كۈيلەر، مۇزىكا كونسېرتلىرى قاتارلىق پىروگرممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

625273
مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن تۈرك مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە مۇتەسەۋۋۇپ مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 743 – يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بۈگۈن كونيادا باشلىنىدۇ.

پائالىيەت 11 كۈن داۋاملىشىدۇ، جەمئىي 105 پىروگرامما ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى «قاندىلغا ئويغىتىش»، «سۆيگۈ ۋە بىرلىك يۈرۈشى» بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئارمىيە باش قوماندنلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئوسمانلىچە بارابان ئەترىتىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ مەقبەرىسگە بېرىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىنىدۇ.

بۇ كاتتا مۇراسىم، لېكسىيە يېغىنلىرى، تىياتىر نومۇرلىرى، كۆرگەزمە، دىنىي كۈيلەر، مۇزىكا كونسېرتلىرى قاتارلىق پىروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساما مۇراسىمىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار بېلەتلەرنى «ebilet.konyakultur.gov.tr» تورئادرېسىدىن ئالسا بولىدۇ.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر