ت ر ت يېڭى يىلغا يېڭى لايىھە بىلەن كىرىدۇ
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يېڭى يىلغا يېڭى لايىھە بىلەن كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
602352
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يېڭى يىلغا يېڭى لايىھە بىلەن قەدەم تاشلايدۇ.
رادىيو خەۋەر قانىلى يېقىندا ئاڭلىغۇچىلا ربىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
ت ر ت رادىيو باشقارمىسى باشلىقى ئامبەر تۈركمەن، ت ر ت رادىيولىرى ۋە يېڭى لايىھەلەر توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.
تۈركمەن يېڭى رادىيو خەۋەر قانىلىنىڭ يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركمەن ت ر ت نىڭ رادىيو قاناللىرىنى يانفونلارغا چۈشۈرۈپمۇ ئاڭلىغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.