جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت - سەنئەت چوڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت – سەنئەت چوڭ مۇكاپاتلىرىنىڭ بۇ يىلقى ساھىبلىرى مۇئەييەنلەشتى.

599897
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت - سەنئەت چوڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يازغۇچى مۇستاپا قۇتلۇ، تارىخچى پىروفېسسور كەمال ھاشىم كارپات، مۇزىكانت ئەرول پارلاك، سەنئەتچى شەنەر شەن، ئەبرۇ سەنئەتچىسى فەرىدۇن ئۆزگۆرەن بىلەن شائىر ۋە رەسسام سۈھەيل ئۈنۋەر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت – سەنئەت چوڭ مۇكاپاتلىرى، تەقدىرلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈرك مەدەنىيەت – سەنئەت ھاياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، تۈركىيە مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۆزگىچە ئەسەرلىرى ياكى خىزمەتلىرى بىلەن ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلغان كىشى ۋە ئورگانلارغا بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر