بۇ يىلقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى بۈگۈن تارقىتىپ بېرىلدى

2016-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئۈچ ئالىمنىڭ لايىق كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

582552
بۇ يىلقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى بۈگۈن تارقىتىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئەنگلىيەلىك دېيۋىد تاۋلىس، دانكىن ھولدېيىن ۋە مايكېل كوستېرلىتىز قاتارلىق شەخسلەر ئېرىشتى.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولۇمدىكى نوبېل كومىتېتى 3 ئالىمنىڭ ماگېنتلىق ماددىلارغا يېڭىچە نۇقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كومىتېت بۇ 3 ئالىمنىڭ  ئىلغار ماگېنتلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ماددىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەھۋاللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېڭىچە نۇقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئالىملار 1 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپاتنىڭ يېرىمى كوستېرلىتىزنىڭ بولدى، قالغان قىسمىنى تاۋلىس بىلەن ھولدېيىن ئالىدۇ.

بۇلتۇرقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ئاتوم ئاستى پارچىلار ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ياپونىيەلىك تاكائاكى كاجىتا بىلەن كانادالىق ئارتۇر مېكدانىلدتغا بېرىلگەنىدى.

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسمى ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ: #فىزىكا , #نوبېل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر