سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

«سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خان دەۋرىدىن قالغان تارىخىي ئىزلار» سەرلەۋھىلىك كۆرگەزمە ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئېچىلدى.

575861
سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
sultan 2. abdülhamid han döneminden izler sergisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا 3 ئاي داۋاملىشىدىغان كۆرگەزمىدە سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خان ئىشلەتكەن 225 پارچە ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

كۆرگەزمە مۇناسىۋىتى بىلەن سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خان دەۋرى تونۇشتۇرۇلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىممۇ قويۇلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامانمۇ كۆرگەن ھۆججەتلىك فىلىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئىسمائىل قاھرامان ھۆججەتلىك فىلىمنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھايىتى كاتتا دۆلەت ئەربابى ۋە دانىشمەن سۇلتان 2 – ئابدۇلھەمىد خاننى يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تارىختىن ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كېلەچەك ئۈچۈن ھازىرلىنىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قاھرامان، تارىخنىڭ كېلەچەكنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە خاتالىق سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر