«ھاۋا ۋە سۇ يەرمەنكىسى» دىكى نومۇرلار ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 58 – نۆۋەتلىك ‹ھاۋا ۋە سۇ› يەرمەنكىسىدىكى سېركچىلىك نومۇرلىرى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى.
556114
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچىگان كۆلى ئۈستىدە ئورۇندالغان 58 – نۆۋەتلىك ‹ھاۋا ۋە سۇ› يەرمەنكىسى دائىرىسىدىكى سېركچىلىك نومۇرلىرىنى 2 مىليونغا يېقىن ئادەم تاماشا قىلدى، پائالىيەتنى كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتتى.
ئىككى كۈنلۈك داۋاملىشىشى پىلانىلىنىۋاتقان نومۇرلارغا ‹The Firebirds Delta› ئەترىتى، Bill Stein ، Aerostars ۋە AeroShell سېركچىلەر ئەترىتىدىن باشقا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان F35 F/A-18-E پەۋقۇلئاددە سېرىق ھەرە ۋە A-4 Skyhawk ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرىمۇ قاتناشتى.