85 – نۆۋەتلىك ئىزمىر كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ
85 – نۆۋەتلىك ئىزمىر كۆرگەزمىسى 26 – ئاۋغۇست ئېچىلىدۇ.
550092
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلقى شوئارى «كېلەچەك ئىزمىردە» بولغان كۆرگەزمىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 8 ساھەدىن ئالىملار ۋە لايىھە ئۇستىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
ھەمراھ دۆلەت مالايشىيا، شەرەپ مېھمىنى شەھەر مانىسا بولغان كۆرگەزمىگە بۇ يىل 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن سودا ھەيئەتلىرىنىڭ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، 4 – سېنتەبىرغىچە داۋاملىشىدىغان كۆرگەزمنى ھەقسىز زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن.