«بىر لىدېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسىي ھاياتى تېما قىلىنغان «بىر لىدېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

541601
«بىر لىدېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسىي ھاياتى تېما قىلىنغان «بىر لىدېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتابنىڭ بوشناقچە نەشرىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ دوبوج شەھىرىگە يېقىن كوتوروسكو رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹دوستلۇق كۆۋرۈكلىرى جەمئىيىتى› تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.

غازى خۇسرەۋ بەگ مەدرەسەسى ئىسلام ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخىي ئوقۇتقۇچىسى مۇستاپا سىپاھىج مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن ئون يىلدا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئالاھىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيەدە ئورۇنۇپ كۆرۈلگەن بولسىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان  - فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى - ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى خەلقنىڭ ئىرادىسىنىمۇ نىشانغا ئالدى. ئەردوغان دېمەك ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە تەرەققىيات دېمەكتۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سپاھىج، ئەردوغاننى ھەر جەھەتتىن تەسۋىرلەپ بەرگەن بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇش لازىملىقىنى ئېيتتى. ھۈسەيىن بەسلى ۋە ئۆمەر ئۆزباي تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان «بىر لىدېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان» ناملىق كىتابنىڭ بوشناقچە نەشرى دوبرا كىنجىگا نەشرىياتى 2011- يىلى بېسىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر