ئەڭ ئۇزۇن روزىنى ترومسۆ مۇسۇلمانلىرى تۇتىدۇ

بۇ يىل نورۋېگىيەنىڭ ترومسۆ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش مۇددىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

514709
ئەڭ ئۇزۇن روزىنى ترومسۆ مۇسۇلمانلىرى تۇتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەنىڭ ترومسۆ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزىسى 22 سائەت داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى رامىزاننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن زورا تۇتقۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

50 مىڭ نوپۇسى بار ترومسۆ شەھىرىدە يازلىقى ئىككى ئاي بويىچە قوياش پەقەتلا پاتمايدۇ؛ ئىپتار سائەت 11 دىن 20 ئۆتكەندىن كېيىن ئىپتار قىلىنىدۇ، سوھۇر ۋاقتى بولسا، ئوتتۇرىچە 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە توشىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدىكى بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلارغا قاراپ، بىر – بىرىدىن پەرقلىق مۇددەتتە روزا تۇتىدۇ.

روزا تۇتۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن ئەللەرنىڭ بىرى ئىسلاندىيە بولۇپ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار 21 سائەت روزا تۇتىدۇ، فىنلاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ 20 سائەت ئەتراپىدا روزا تۇتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر