ئوسمان غازى كۆۋرۈكى

ئىزمىت قولتۇقىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئوسمان غازى كۆۋرۈكى.

475727
ئوسمان غازى كۆۋرۈكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر ئىشلىرى مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئىزمىت قولتۇقىغا سېلىنغان ئوسمان غازى كۆۋرۈكى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل – بۇرسا – ئىزمىر دۆلەتلىك تاش يول لايىھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىزمىت قولتۇقى كۆۋرۈكىنىڭ ئىسمىنىڭ «ئوسمان غازى كۆۋرۈكى» گە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىزمىت قولتۇقى ئاسما كۆۋرۈكىنىڭ داۋامى بولغان تاش يول، 9 مىليارد دوللارلىق لايىھە بولغان ئىستانبۇل - ئىزمىر تاش يولىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يىل 20 كىلومېتىرلىق ئىزمىر – كامالپاشا قىسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان تاش يولنىڭ ھەمممىسى 2018 – يىلى تاماملىنىدۇ.»

9 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان تاش يول تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق لايىھەلىرى ئىچىدىكى تاماملانغانلىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇشى كېلەر ئاي پۈتىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 682، ئېگىزلىكى 252، كەڭلىكى 36 مېتىر كېلىدۇ. كۆۋرۈك پۈتكەندە ئىستانبۇلدىن بۇرساغا 45 مىنۇتتا بارغىلى بولىدۇ.

ئىككى مۇنار ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە 1550 مېتىر بولۇپ، كۆۋرۈك بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنيا بويىچە تۆتىنچى، ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئوروندا تۇرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەتلىك تاش يول لايىھەسىنىڭ يەنە بىر قىسمى بولغان بۇرسا – ئىزمىر تۇنېلىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر