«ئەركىنلىككە قېچىش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

ئەمىنە ئەردوغان سۈرىيە سامالىرىنى كىچىك بالىلار ياسىغان لەگلەكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

475485
«ئەركىنلىككە قېچىش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئەنقەرەدە سۈرىيە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «ئەركىنلىككە قېچىش» ناملىق ھۆججەتىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەمىنە ئەردوغان: «سۈرىيە سامالىرىنى بالىلار ئۇچۇرغان لەگلەكلەر ئەمەس، بەلكى ئايروپىلانلار ئىشغال قىلىۋاپتۇ» دېدى. ئۇ سۈرىيەدە بەش يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى كىچىك بالىلار بىلەن ئاياللارنىڭ توشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق مېھمانلارغا قۇچاق ئاچقان دۆلىتىمنىڭ ياردەمسۆيەر كىشىلىرىگە ۋە ئىدارە – ئورگانلىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ دەرت – ئەلەملىك خاتىرىلىرىنى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىگە ئايلاندۇرغان ‹ئەركىنلىككە قېچىش› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.

«ئەركىنلىككە قېچىش» ناملىق ھۆججەتىك فىلىمىدە، ئەگە دېڭىزىدا يەل قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى بىلەن ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيەلىك ئەلى ساخونىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق سەزگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئەراي دەمىر قىلغان بولۇپ، ئوكان بايۈلگەن ئاۋاز بەردى. تىللو ئانسامبىلى «ئۈمىدكە تولغان ئەتىلەر» ناملىق ناخشىسى بىلەن ياردەم قىلدى.

ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا، ئىچكى ئۇرۇشتا ئائىلىسىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 11 ياشلىق رۇا، ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرلكتە قاتناشتى. فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇا دادىسى سىزغان ئۆزىنىڭ رەسىمىنى ئەمىنە ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر