گىرېتسىيەدە قۇرئان تارقىتىلدى

گىرېتسىيەدە چىقىدىغان تۈ ۋىما گېزىتىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە قۇرئان كەرىم ۋە گىرېكچە تەرجىمىسىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

432865
گىرېتسىيەدە قۇرئان تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان تۈ ۋىما، 14 – فېۋرال (يەكشەنبە) قۇرئان تارقاتتى. قۇرئان تارقىتىش پائالىيىتى، مەزكۇر گېزىت ئۈچۈن ئېيتقاندا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. گېزىت بۇ پائالىيىتىدە، قۇرئان كەرىم ۋە گىرېكچە تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەنلىرىگە تارقاتتى.

گىرېتسىيەدە 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدۇ. تۈ ۋىما گېزىتى ھازىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، 70 مىڭ مۇشتەرىسى بار. ھەپتە ئىچىدىكى سانلىرى بولسا، ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.

تۈ ۋىما گېزىتى پەقەت قۇرئان كەرىمنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى تارقىتىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر