دۇنيا ساياھەت مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

دۇنيا ساياھەت مۇكاپاتلىرى تەخمىنەن مىڭ كىشى ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇل چىراغان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تارقىتىلدى.

428202
دۇنيا ساياھەت مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 40 تىن كۆپ تۈردە مۇكاپات تارقىتىلغان مۇراسىمدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھاۋا يوللىرى شىركىتى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ساياھەت پىلانى تۈزۈپ چىققان ئەربابلار ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ساياھەت مۇنبىرىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

يەرلىك ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار يىغىندا تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

يىغىندا تۈركىيەنىڭ باشقا كۆپلىگەن ساھەدىكىگە ئوخشاشلا ساياھەت جەھەتتىنمۇ مىسلىسىز ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە جەزبىدارلىق بىر دۆلەت ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئسىپاتلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىن بۈگۈن (6 – فېۋرال) ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر