ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئامېرىكا دۈشمىنىمۇ؟

ئامېرىكىلىقلارنىڭ % 49 تى «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكا دۈشمىنى» دەپ قارايدۇ.

427137
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئامېرىكا دۈشمىنىمۇ؟
ABD muslumanlar

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ % 49 تىنىڭ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «ئەڭ ئاز بىر قىسمىنىڭ» ئامېرىكا دۈشمىنى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاشىنگىتون مەركەزلىك Pew تەتقىقات مەركىزى 7 – 14 – يانۋار كۈنلىرى 2 مىڭدىن كۆپرەك ئىشتىراكچى بىلەن راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، «سىزنىڭچە ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزدە قانچە پىرسەنتى ئامېرىكا دۈشمىنى؟» دېگەن سوئالنى سورىدى.

راي سىناش نەتىجىسىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ % 49 تىنىڭ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاز بىر قىسمىنى ئامېرىكا دۈشمىنى دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. جۈملىدىن ئىشتىراكچىلارنىڭ % 42 تى «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئامېرىكا دۈشمىنى» دەپ قارىسا، % 14 تى «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېرىمى ئامېرىكا دۈشمىنى» دەپ قارايدىغانلىقى، % 24 تى بولسا «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسى ئامېرىكا دۈشمىنى» دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر