سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي كۈنى تەبرىكلەندى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى مىللىي كۈنى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە بېرىلگەن زىياپەت ئارقىلىق تەبرىكلەندى.

136533
سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي كۈنى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى مىللىي كۈنى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە بېرىلگەن زىياپەت ئارقىلىق تەبرىكلەندى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بېرىلگەن زىياپەتكە يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى مەھدى ئەكەر، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى ئەمرۇللاھ ئىشلەر، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەلىھ گۆكچەك ۋە كۆپ ساندىكى مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
زىياپەتتە، يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى مەھدى ئەكەر بىلەن ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي قىلىچ ئۇسسۇلىنى ئوينىدى.
ئىككى مىنىستىرنىڭ قىلىچ ئۇسسۇلى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر