ئىستانبۇل جەنۇبىي كورېيەدە...

2013 - يىلى جەنۇبىي كورېيە ئىستانبۇل بىلەن تونۇشقانىدى، ئەمدىلىكتە بولسا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، ئىستانبۇلنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ گونجۇ شەھىرىدە سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

122083
ئىستانبۇل جەنۇبىي كورېيەدە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل جەنۇبىي كورېيەدە...
2013 - يىلى جەنۇبىي كورېيە ئىستانبۇل بىلەن تونۇشقانىدى، ئەمدىلىكتە بولسا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، ئىستانبۇلنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ گونجۇ شەھىرىدە سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
گونجۇ شەھىرىنىڭ كوچا - كويلىرى بىلەن يوللىرىنىڭ ھەممىسى تۈرك بايراقلىرى بىلەن بېزەلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇدا 10 كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتلەردە ئىستانبۇل مىڭلارچە كورېيەلىككە تونۇشتۇرۇلىدىكەن.
«ئىستانبۇل گونجۇدا» سەرلەۋھىلىك پائالىيەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان تونۇشتۇرۇش ساھەسى، جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىگە كۆرە، دۆلەت تارىخىدا مەدەنىي بىر پائالىيەت ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ ساھە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن...
ساھەدە تۈرك فىلىملىرى، تۈرك قەھۋەسى ۋە تۈرك مۇزىكىسىدىن نەمۇنىلار سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ تونۇشتۇرۇلىدىغان ئۈستى يېپىق بازارمۇ بار ئىكەن...
بۇ بازاردا مەرمەر گۈل ئىشلەش سەنئىتىدىن سىرتقى يۈزىنى زىننەتلەش ۋە مىكرولاشتۇرۇش سەنئىتىگىچە نۇرغۇنلىغان قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ئالاقىدار سەنئەت ئەسەرلىرى كورېيەلىكلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
«دۆنەر كاۋىپى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تۈرك تائاملىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
«ئىستانبۇل گونجۇدا» پائالىيەتلىرى، 12 - سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش بىلەن كورېيە دائىرىلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىدىكەن.
تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانى جەھەتتىن جەنۇبىي كورېيە 2012 - يىلى 20 - رەتتىن ئورۇن ئالغانىدى.
2013 - يىلى ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «جەنۇبىي كورېيە ئىستانبۇلدا» پائالىيەتلىرىدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى % 35 كۆپەيدى.
نۆۋەتتە تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر تىزىملىكىدە جەنۇبىي كورېيەلىكلەر 13 - رەتتىن ئورۇن ئالماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر