ۋاندىكى قىرغىزلار مىللىي ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئافغانىستاننىڭ پامىر يايلاقلىرىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلار ئۇلۇپامىر يېزىسىدا مىللىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ھايات كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
100005
1982- يىلى ئافغانىستاننىڭ پامىر يايلاقلىرىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلار، ئەرجىش ناھىيەسىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئۇلۇپامىر يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
قىرغىزلار ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان فېستىۋاللىرىدىن سىرت توي – مۇراسىملىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى جانلىق ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. بۇزقاشى ئويۇنى ئارقىلىق رەڭدارلىققا چۈمدۈرىدىغان توي – تۆكۈنلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىگە خاس ھالدا ئۆتكۈزىدىغان ئۇلۇپامىرلىق قىرغىزلار، قىرغىز ناخشا – مۇزىكىلىرىغا جۇر بولۇپ، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى