يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى تېھراندا فېستىۋال ئۆتكۈزدى

فېستىۋال دائىرىسىدە قوشما كۆرگەزمە، فىلىم قويۇش، كونسېرت ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

83582
يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى تېھراندا فېستىۋال ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا مەدەنىيەت - سەنئەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.
فېستىۋال دائىرىسىدە قوشما كۆرگەزمە، فىلىم قويۇش، كونسېرت ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
«تۈركىيەدىن رەڭلەر ۋە سادالار» سەرلەۋھىلىك فېستىۋال دائىرىسىدە، توپكاپى سارىيى فوتۇ - سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
كۆرگەزمىدىن سەيياھ ئەۋلىيا چەلەبى، مۇستافا دەدەئوغلۇنىڭ ئاشۇرە فوتۇ - سۈرەتلىرى، ھەسەن ئايجىن ماي بوياق رەسىملىرى ۋە تۈركىيە پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ نادىر ماركىلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.
مۇستافا قۇتلۇنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئوسمان سىناۋ تەرىپىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن «ئۇزۇن ھېكايە» ناملىق فىلىممۇ ئىرانلىق كىنوسۆيەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش نىشان قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق پائالىيەتلىرى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر