رەغائىب قەندىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەندى

مەنىۋى ھاياتنى تېخىمۇ بېيىتىدىغان ئۈچ ئايلارنىڭ باشلانغۇچىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان رەغائىب قەندىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەندى

63878
رەغائىب قەندىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەنىۋى ھاياتنى تېخىمۇ بېيىتىدىغان ئۈچ ئايلارنىڭ باشلانغۇچىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان رەغائىب قەندىلى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەندى
بۇ مۇھىم كېچىدە ئەنقەرەدە جامەلەر تولۇپ تاشتى.
بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە قىلىنغان دۇئالار كۆكنى لەرزىگە سالدى.
ئۈچ ئايلارنىڭ دەسلەپكىسى بولغان رەجەپ ئايىنىڭ يەنە بىر ئىسمى شەھرۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ ئېيى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كېچىسى رەغائىب قەندىلى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.
ئەنقەرەدە رەغائىب قەندىلى بارلىق جامەلەردە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەندى. بولۇپمۇ ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا ھاجى بايرام ۋەلى ۋە كوجاتەپە جامەلىرىدىكى دۇئا سادالىرى ئاسمان - زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
بۇ مۇھىم كېچىنى ئەنقەرەنىڭ مەنىۋى ھاياتلىقنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن پايتەخت ئاھالىسى ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىگە سەلدەك ئاقتى.
7 ياشتىن 77 ياشقىچە بولغان جامەگە كەلگەن ۋەتەنداشلار 5 مىڭ كىشىلىك جامە ۋە قورۇسىغا سىغمىدى.
ئەنقەرەلىكلەرنىڭ يەنە بىر ئادرېسى كوجاتەپە جەمەسى ئىدى.
ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى ھېسابلىنىدىغان كوجاتەپە جامەسىمۇ قەندىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر