تۈرك دۇنياسى كىتاپ يەرمەنكىسى ئېچىلدى

63698
تۈرك دۇنياسى كىتاپ يەرمەنكىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 6– ماي 2013 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئەسكىشەھىردە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى كىتاپ يەرمەنكىسى» مىللىي مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلاندى.

يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئەسكىشەھىر ۋالىيسى گۈنگۆر ئازىمتۇنا، تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئانار رازايېۋ، ياۋرو – ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ، تۈركىيەدىن ۋە تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ھەمدە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئاگېنتلىقى ۋە ياۋرو – ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 18 دۆلەتتىن كەلگەن 48 يازغۇچى ۋە 80 گە يېقىن ئاخبارات ئورگانلىرى قاتناشتى.

مىللىي مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ يەرمەنكىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېچىلىشتىن كېيىن، كۆرگەزمە زاللىرىنى زىيارەت قىلىپ، كىشىلەرگە كىتاپ تەۋسىيە قىلدى.

بۇ يەرمەنكە 11 – مايغىچە ئېچىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر