ئۇرۇشنىڭ 3 - يىلىدا غەربكە نىسبەتەن قارار چىقىرىش ۋاقتى كەلدى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (09)

2109322
ئۇرۇشنىڭ 3 - يىلىدا غەربكە نىسبەتەن قارار چىقىرىش ۋاقتى كەلدى

ئۇرۇشنىڭ 3 - يىلىدا غەربكە نىسبەتەن قارار چىقىرىش ۋاقتى كەلدى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇرۇشنىڭ 3-يىلىدا غەربكە نىسبەتەن قارار چىقىرىش ۋاقتى كەلدى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى توقۇنۇشلار ئىككىنچى يىلنى تاماملىدى. ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغىنىمىزدا، ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن زور يوقىتىش بولغان چوڭ بىر ئۇپرىتىش ئۇرۇشىنى ۋە كۈتۈلگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى شۇنداقلا ئايىغى يوق يوقىتىش دولقۇنغا پاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەمما، رۇسىيە يېقىندىن بۇيان ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى. غەربكە نىسبەتەن ئەمدىلىكتە قارار چىقىرىش پەيتى يېتىپ كەلدى. يا ئۇلار ئەھمىيەتلىك شەكىلدە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ بەك قوللايدۇ ياكى رۇسىيەنىڭ غەلىبىسى بىلەن يۈزلىشىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ چاقماق ھەرىكىتى بىلەن كىيېۋنى ئىشغال قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇكرائىنادا باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتى مەغلۇب بولۇشىغا ئەگىشىپ، قەدەممۇ قەدەم چوڭ بىر ئىشغالىيەت ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالدى. لېكىن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىشغالىيەت ھەرىكىتى مەغلۇب بولدى. بولۇپمۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي ياردىمى بىلەن رۇسلار ئىشغال قىلغان نۇرغۇن رايونلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. تارىختا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەندەك رۇسىيە جۇغراپىيەلىك چوڭقۇرلۇقى، تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە زور ئادەم كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش يۆنىلىشىنى قايتىدىن ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. چەت ئەللەرنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردا، ئۇكرائىناغا قىلىنغان ياردەملەرنىڭ ئازىيىشى بىلەن ئادەم كۈچى جەھەتتە رۇسىيەگە قارشى مېيىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئۇكرائىنا، ئالدىنقى سەپلەردە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. پۇتىننىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىدىكى قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى، سەپەرۋەرلىك قارارى بىلەن خادىملارنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشى، ئەلۋەتتە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زور نەتىجىلەرنى ياراتتى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۆزگەرگەن ھەربىي دىنامىكلار ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەنىڭ دونباستىكى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە 2014-يىلدىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قورغىنى بولۇپ كەلگەن ئاۋدىيېۋكانى قولغا چۈشۈرۈشى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇراقلىرىنى چىلىۋەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئامېرىكا پالاتاسى بىلەن ئاقساراي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ توڭلىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ھەم يېتەرلىك دەرىجىدە ھەم سىياسىي ئىرادە جەھەتتە ئۇكرائىنانى رۇسىيەگە قارشى قوللىيالمىغانلىقىنى نامايان قىلدى. رۇسىيە بولسا، دەل ئەكسىچە ئۇرۇش ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشقا باشلاش ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىشكە باشلىدى ۋە ئاستا-ئاستا بولسىمۇ ئالدىنقى سەپتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئەمدىلىكتە ياۋروپا دۆلەتلىرى خەتەرنى تونۇپ يېتىپ ھەرىكەتكە كېلىشكە باشلىدى. گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە بىلەن ماسلىشىپ، ئۇكرائىنانى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قوللايدىغانلىقىنى قىلىپلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. لېكىن ئۇلارنىڭ قارشىسىدا چوڭ بىر كۈچ بولغان رۇسىيە مەۋجۇت. ئۇرۇش باشلىنىپ، ئىككى يىل تاماملانغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇكرائىنانىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئېغىر سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. شۇڭا، ئەمدىلىكتە غەربكە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ قارار پەيتى يېتىپ كەلدى دېيەلەيمىز. تېزدىن ئۆزئارا ئىختىلاپلىرىنى يېڭىپ، ئامېرىكانىمۇ مەسىلىگە قاتناشتۇرغان ھالدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قوللاپ قۇۋۋەتتلەشكە مەجبۇر. شۇنداق قىلغاندىلا رۇسىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسىيالايدۇ ۋە رۇسىيەنى قايتىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر قىلالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى غەلىبىسى ئوتتۇرا مەزگىلدە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغىمۇ ئېغىر تەھدىت ھېسابلىنىدىغان يېڭى گېئوپولىتىكىلىق ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىشى تۇرغانلا گەپ.

ئەلۋەتتە، رۇسىيەنىڭ بۇ غەلبىسىدىن ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغان دۆلەت خىتاي بولىدۇ. خىتاي غەرب بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈچ كۈرىشىدە ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىۋالغان بولۇپ قالىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر