مىسىر دۇچ كەلگەن خىرىسلار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (08)

2106267
مىسىر دۇچ كەلگەن خىرىسلار

مىسىر دۇچ كەلگەن خىرىسلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «مىسىر دۇچ كەلگەن خىرىسلار» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تەرەپكە يۈزلەنگەن بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. ھەر ئىككى دۆلەتتە زىددىيەتتىن بەكىرەك ئورتاق مەنپەئەتنى نىشان قىلىدىغان يېڭى ئىرادە بارلىققا كەلدى. رايون خاراكتېرلىك خىرىسلار ۋە ئىچكى مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالغا كەلگەن بىر ۋەزىيەتتە مىسىرغا نىسبەتەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كېرەكلىك جىددىي سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. دېمىسىمۇ مىسىر نۇرغۇن جەھەتلەردە چوڭ كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى پىرېزىدېنت سۈپىتىدە يېڭى ھاكىمىيەت قۇردى. ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بۇ تۈزۈم مىسىردىكى ئىنقىلابتىن بۇرۇنقى دەۋرگە قايتىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەربىي سەرخىللار ۋە قىسمەن ئەدلىيە بيۇروكراتلىرى قاتارلىق ھەر خىل بيۇروكرات كۈچ مەركەزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر تۈزۈم. گەرچە سىياسىي تۈزۈمدە بەزى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي مەسىلە ئىقتىسادنى ئاساس قىلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

مىسىر ئىقتىسادى چوڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرماقتا. مىسىىرنىڭ غايەت زور تاشقى سودا قىزىل رەقىمى مەۋجۇت، سىسىنىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە 160 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرز بارلىققا كەلدى. مەركىزىي بانكا زاپىسى چەت ئەلدىن كەلگەن پۇللار ئارقىلىقلا ئاران ئۆرە تۇرماقتا. ئەمما، چەت ئەل قەرزىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە زور قىيىنچىلىق مەۋجۇت. مىسىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئارگېنتىنادىن قالسىلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئەڭ كۆپ قەرزدار ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلاندى. يېڭى قەرز پۇل ئېلىشى ئۈچۈن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتتىق شەرتلەرنى قويدى. بولۇپمۇ ئىقتىسادتا ئارمىيەنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىنى تەدرىجىي بولسىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇش، پۇلنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. مەۋجۇت ھاكىمىيەت بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا ئانچە يېقىن كەلمەي تۇرماقتا. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ئېلىنغان قەرزلەرمۇ ئاخىرقى چەككە يەتكەت بولغاچقا يېڭى پۇل كىرىش مۇمكىن ئەمەس. سىسى ئۆتكەندە ئېيتقاندەك، سۈۋەيىش قانىلىدىن قولغا كېلىدىغان يىللىق 10 مىليارد دوللار كىرىمىنىڭ كەم دېگەندە يېرىمى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يوقالدى. مىسىرلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش كۈچى كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەشكە ئەگىشىپ، ئەڭ ئاساسلىق لازىمەتلىكلەردىمۇ بەزىدە قاراڭغۇ بازارچىلىق بارلىققا كەلمەكتە. مىسىر جۇنەيھىنىڭمۇ رەسمىي باھاسى ۋە كوچا بازار باھاسىدىن ئىبارەت ئىككى ئايرىم باھاسى مەۋجۇت. جۇنەيھىنىڭ قىممىتى كوچىلاردا يېرىمغا يېقىن تۆۋەن.

گېئوپولىتكا جەھەتتىنمۇ ئېغىر خەۋپلەر مەۋجۇت. سۇداندىكى ئىچكى ئۇرۇش مىسىر ئىقتىسادىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. پاناھلانغۇچىلار ئېقىمى يۈز بەرمەكتە. ئېفىيوپىيە بىلەن يۈز بەرگەن گۈللىنىش توسمىسى كىرىزىسى مىسىرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى. لىۋىيەدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي بۆلۈنۈش مىسىرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالدى. ئەمما، ھەقىقىي يېقىن تەھدىت بولسا، غەززەدىن كەلمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق نىشانى رايوننى نوپۇسسىزلاشتۇرۇش ۋە غەززە خەلقىنى مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىشتۇر. بۇ ئەھۋال ھەر جەھەتتىن مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، گەرچە تۈركىيە-مىسىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ مىسىر ئۈچۈن تېخىمۇ موھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. مىسىر ھەم ئىقتىسادىي ھەم گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتلەرگە قارشى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن مۇھىم مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر