ئەردوغاننىڭ قاھىرە زىيارىتى ۋە تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنلىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (07)

2102975
ئەردوغاننىڭ قاھىرە زىيارىتى ۋە تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنلىشىشى

ئەردوغاننىڭ قاھىرە زىيارىتى ۋە تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنلىشىشى

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەردوغاننىڭ قاھىرە زىيارىتى ۋە تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ يېقىنلىشىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دەرۋەقە، 2013 - يىلى مىسىردىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە بولغان تۈركىيەنىڭ كەسكىن پوزىتسىيەسى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇزۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغان ئىدى.  ئارقىدىن شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرىدىمۇ ئېغىر زىددىيەتلىشىشلەر يۈز بەردى. لېكىن شۇنداقتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەپلەر يېڭى بىر ئىرادىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا باشلىدى. ئەردوغان قاتاردا سىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە قاھىرەنى زىيارەت قىلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى رەتكە سېلىپ، نۇرغۇن رىقابەت ۋە ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مىسىردىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش، تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالغان ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، مىسىردىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە بەلكى دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئېغىر چېكىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشىش باشلانغان ئىدى. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا گويا ئۇتتۇرۇش-يوقىتىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى. شەرقىي ئاقدېڭىزدا شۇنداقلا لىۋىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا بۇ جىددىيچىلىكنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، ھەر ئىككى دۆلەت رايون خاراكتېرلىك خىرىسلار ۋە تەھدىتلەرگە تەڭ دۇچ كەلگەن بولغاچقا، بۇ جىددىيلىكنى تېخىمۇ ئۇزارتماسلىق قارارىغا كەلدى. بولۇپمۇ تۈركىيە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان رايون خاراكتېرلىك نورماللىشىش ئەندىزىسى ئارقىلىق مەسىلە كۆرۈلگەن نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىغا ماڭدى. بۇ نورماللىشىشتا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى. بۇ ئىلگىرىلەشلەر تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەنمۇ ئاسانلاشتۇرغۇچى رول ئوينىغاندەك قىلىدۇ.  دەسلەپتە تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا تېخنىكىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇلدى. ئاندىن ئەردوغان بىلەن سىسى قاتاردىكى پۇتبول دىپلوماتىيەسى ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۇنجى قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مانا ئەمدىلىكتە ئەردوغان چوڭ بىر ھەيئەتنى باشلاپ قاھىرەنى زىيارەت قىلدى.

مىسىر نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، بولۇپمۇ مىسىر دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ چوڭ بىر خىرىس بولغانلىقىنى كۆرىمىز. دەسلەپتە يۇقۇم، ئاندىن ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى مىسىرغا ئېغىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرلەرمۇ مىسىر ئىقتىسادىنى چوڭقۇر تەۋرەتتى. خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزنى تاقاپ قويۇشىمۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇردى. ھەربىي ھاكىمىيەت ئاستىدا ئاللىقاچان ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن مىسىر ئىقتىسادى ئېغىر تاشقى قەرز كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمۇ ياخشى ماڭمىدى. مىسىرلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەھۋالى ئېغىر نامراتلىققا چۆكتى. يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىر ئافرىقادىكى ئىچكى توقۇنۇشلار بىلەنمۇ بوغۇشماقتا. سۇدان بۇ بوغۇشۇشلاردا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېفىيوپىيەنىڭ تاجاۋۇزچى پوزىتسىيەسى ۋە نەھدا توسمىسى ئارقىلىق مىسىرنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىمۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان بۇزۇق نىيىتى مانا مەن دەپلا تۇرغان ۋەزىيەتتە، غەززەلىكلەرنى سىناغا سۈرگۈن قىلىش مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈردى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، مىسىرنى «تۈركىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن موھتاج» دېيىشكە بولىدۇ.

تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ مىسىر مۇھىم بىر شېرىك، ئافرىقانىڭ دەرۋازىسى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز شۇنداقلا لىۋىيە سىياسىتىگە نىسبەتەن چوڭ بىر ئىتتىپاقداش بولۇشتەك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ھەر ئىككى دۆلەت ئاساسەن سودا ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت جەھەتتە زور دەرىجىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. شۇڭلاشقا، تارىخىي رىشتىلەر، خەلقلەر ئارىسىدىكى ھېسداشلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم كاتالىزاتور بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەردوغاننىڭ قاھىرە زىيارىتى بۇ ئەندىزىنى گەۋدىلەندۈرىدىغاندەك قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر