ئوتتۇرا شەرق چوڭ بىر ئۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتامدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (05)

2096385
ئوتتۇرا شەرق چوڭ بىر ئۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتامدۇ؟

ئوتتۇرا شەرق چوڭ بىر ئۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  ئىراق، سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيە ئۈچ بۇلۇڭىدا ئىستراتېگىيەلىك بىر نۇقتىغا جايلاشقان ئامېرىكا بازىسى «Tower 22» كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى ۋە كەم دېگەندە ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلىپ، 35 ئەسكىرى يارىلاندى. ئامېرىكادا قاتتىق چۆچۈشنى پەيدا قىلغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىراقتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى قۇرغان «ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى» تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۇجۇمدىن كېيىن، بايدىن ھەرىكەت يولىنى تاللاش ۋە ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا-ئىران ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا چېتىلىدىغان چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ باشلىنىدىغان ياكى باشلانمايدىغانلىقى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

7 - ئۆكتەبىردە ئەقسا توپانى ھەرىكىتى بىلەن باشلانغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىرى باشلىغان توقۇنۇشلار، بۇ ۋەقەلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ - ئايلانمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلەرنى ياراتتى. لېكىن، ئىرانمۇ ھىزبۇللاھ ۋە ئىراندىكى باشقا ئىراق شىئە گۇرۇپپىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كونتروللۇق ھالدا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشىنى ساقلاپ كەلدى. ھەتتا كۆپىنچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق» بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى تاللىدى. يەمەندىكى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىنى ۋە خۇسىيلارنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا دېيىشكە بولىدۇ. خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىز ۋە بابۇل ماندەبنى ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پاراخوتلىرىغا قارىتا تاقاپ قويۇشى زور داۋالغۇش ياراتتى. ئامېرىكا ئەنگلىيە يەمەنگە قارشى ھاۋا ھەرىكىتىنى باشلىدى.

 ئەمما، بۇ قېتىمقى ۋەقە ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئىراق، سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيە ئۈچ بۇلۇڭىدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى، يېڭى بىر ئۇچقۇندىن دېرەك بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىراق-سۈرىيە رايونىدا ئامېرىكا بازىلىرىغا 200 قېتىمغا يېقىن ھۇجۇم قىلىندى. ئەمما، بۇلار ئاساسەن سىمۋول خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئىدى ۋە پەقەت ئامېرىكانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۈشنى مەقسەت قىلغان كۈچ كۆرسىتىش ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىۋاسىتە ئۆلتۈرۈلگەن بولدى.

ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ ۋە بۇ كونتروللۇق توقۇنۇشلارنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىغا بايدىن قارار بېرىدۇ. بايدىن ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە شۇنداقلا ئىرانغا بىۋاسىتە زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلەپلەر ھاۋادا ئۇچۇشۇپ يۈرمەكتە. لېكىن، سايلامغا كېتىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس، بۇ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرققە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت بولىدىغان غايەت زور ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بايدىن بەلكىم تېخىمۇ چەكلىك جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئارقىلىق ئاممىغا بەك ئاجىز كۆرۈنمەي بىر نەرسىلەرنى سۇنالىغان ۋە ئىرانغا نىسبەتەنمۇ چېىكىندۈرگۈچ بىر ھەرىكەت بولىدىغان يولنى ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىرانغا چېتىشلىق ئېلېمېنتلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىشى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى ھازىرچە ئانچە يۇقىرى ئەمەس. شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىشغالىيىتى ۋە قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، ئوتتۇرا شەرقتە ھېچكىم خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر