تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋىتى ۋە رەئىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (04)

2093631
تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋىتى ۋە رەئىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋىتى ۋە رەئىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن بىرلىكتە مىنىستىرلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بيۇروكراتلاردىن تەركىب تاپقان چوڭ بىر ھەيئەت 2024-يىلى 24-يانۋاردا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئەنقەرە-تېھران مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى رىقابەت بىلەن ھەمكارلىق ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان شۇنداقلا رايون مەسىلىسى كېچىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغان ھالەتتە تۇرغان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر زىيارەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلەر ۋە پۇرسەت ساھەلىرى ھەققىدە دىيالوگقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. رەئىسىنىڭ زىيارىتى ئەسلىدە 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا پىلان قىلىنغان، كېيىن ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كېچىكتۈرۈش كېرماندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بولغان ئىدى. لېكىن، بۇ ھۇجۇمدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا رەئىسىنىڭ ئەنقەرەگە كەلگەنلىكى ئىران تەرەپنىڭ زىيارەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئوخشىمسلىقلىرى بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ خىل زىيارەتلەر مۇمكىن قەدەر ئورتاق پوزىتسىيەلەرنى كۆپەيتىپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. زىيارەتتىن ئىلگىرى ئىران تاراتقۇلىرىدا چىققان تۈركىيەگە قارىتا تەنقىدلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئىجابىي تەھلىللەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھياننىڭ بىر گېزىتتە تۈركىيە ھەققىدە ئىنتايىن ئىجابىي ماقالە ئېلان قىلىشى، ئىران تەرەپنىڭ زىيارەتتىن كۈتۈلگەن ئۈنۈم تەرەپكە قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

تۈركىيە-ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغان بۇ زىيارەتتە، ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ، سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە، چېگرا رايونلىرىدىكى سودا، تاموژنا قانۇنلىرى ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. تۈركىيە تەرەپتە، مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار، مەركىزىي بانكا باشلىقى ھافىزە غايە ئەركاننىڭ بولۇشى، سۆھبەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ جەنۇبىي كاۋكاز، پەلەستىن، سۈرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە. يەنە كېلىپ، تۈركىيە تەرەپتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىننىڭ بولۇشى رايون خاراكتېرلىك سىياسەت ھەمدە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئىچىدە، ھەر ئىككى دۆلەتكە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭمۇ ئورتاق تەھدىت بولغان تېررورلۇق مەسىلىسىنىڭ باش تېما بولغانلىقى مەلۇم.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باياناتىدا: «ئىران بىلەن پ ك ك/پ ي د/ي پ گ ۋە پىجاك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدۇق» دېدى. ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسىمۇ تېررورلۇقنىڭ رايون سىرتىدىكى كۈچلەر تەرىپىدىن ئوزۇقلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە پايدىلىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ نۇقتىدا رايون دۆلەتلىرىنىڭ رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

زىيارەتنىڭ كونكرېت نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردە 10 كېلىشىم ئىمزالاندى. سودا، قاتناش، ئۇچۇر - ئالاقە، مەدەنىيەت، سانائەت، تېخنىكا، بىخەتەرلىك ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىملەرنى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىمزالىدى. سودا مىقدارىنى 30 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى قايتا تەكىتلەندى.

قوشنا دۆلەت ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى: «بىز تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلدۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز» دېيىش ئارقىلىق ھەمكارلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئوخشاش شەكىلدە: «قوشنىمىز ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېيىش ئارقىلىق ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىدى. زىيارەتنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆرۈلدى. رايون ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بۇ مەزگىلدە، مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ تەكىتلىنىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتىنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، ئەسلىدىنلا چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر