تۈركىيە ئىستىخباراتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (02)

2087639
تۈركىيە ئىستىخباراتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش

تۈركىيە ئىستىخباراتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 -يىللىقى، تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك گېئوپولىتىكىدىكى كۈچەيگەن تەسىرىنىڭ ۋە ئۆزگەرگەن كۈچ دىنامىكلىرىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ 2010-يىلدىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرغان چوڭ ئۆزگىرىشىنى ھەرگەىزمۇ تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ. ئەرەب باھارىنىڭ باشلىنىشى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھاتنى تەقەززا قىلغان ئىدى. سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ مۇرەككەپلىكى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىنتايىن زۆرۈر ھالغا كەلتۈردى.
تۈرلۈك سىممېترىك بولمىغان تەھدىت ۋە تېررورلۇقنىڭ كۈچىيىشى رايوننى بىر ئىستىخبارات ئۇرۇشى رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەمۇ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇستىلىق بىلەن يېڭىلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى مۇھىم ئىشلار قايتىدىن بېكىتىلدى ۋە ئىستىخبارات ئىقتىدارى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت نىشانىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا ئالاھىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتە پاسسىپ بىر رولچىدىن ئاكتىپ بىر ئاكتىيورغا ئۆزگىرىشى دىققەتكە ئەرزىيدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇقرا-ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىنقىلاب يارىتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە چېكىندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە ھەربىي ئۇسۇلنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق يۆنىلىشى باشقىلارغا تايىنىشنى ئازايتىش ۋە تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان مۇداپىئە سانائىتى تەشەببۇسىغا مەركەزلىشىش بولدى. ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك تاشلىغان قەدەملىرى بۇ تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى.
خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىسلاھاتى بىر قانچە مۇھىم باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشتى. بىرىنچىدىن، ئىستىخبارات نىشانلىرىنىڭ قايتىدىن بەلگىلىنىشى، ئىچكى ئىستىخبارات مەكەزلىكتىن تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئەتراپلىق تاشقى ئىستىخبارات ۋەزىپىسىگە ئۆتۈش مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ يېڭى تەرتىپ ئىنسانىي ئىستىخبارات مەنبەلىرىنى كۈچەيتىشنى تەقەززا قىلدى ۋە تۈركىيە  ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇردى. ئارقىدىنلا تېخىمۇ ماسلاشقان ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ئىستىخبارات ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلغان قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلدى. ئورگانلار ئارا رول ۋە مەسئۇلىيەتلەرنىڭ قايتىدىن بېكىتىلىشى تېخىمۇ بىر پۈتۈنلەشكەن ئىستىخبارات ئۇسۇلىنى قولايلاشتۇردى. تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جۇمھۇر رەىسلىك مەھكىمىسىگە باغلىنىشى مەمۇرىي مەشغۇلاتلارنى قولايلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
ئىستىخبارات ئىقتىدارىدىكى تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىسلاھاتنىڭ باشقا ئۇل تېشى بولۇپ ئۆزىنى نامايان قىلدى. مەسىلەن، تۈركىيە  ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىقتىدارى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلەنگەن بۈگۈنكى دۇنيا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ھالقىلىق رولىنى گەۋدىلەندۈردى. تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارىلاشما تەھدىتكە قارشى تۇرۇش ۋە كەلگۈسى سېنارىيەلەرنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارى تۈركىيەنىڭ دۆلەت، رايون ۋە دۇنيا سەھنىسىدىكى مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە  ئىستىخبارات ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 - يىللىقىدا، ئىبراھىم كالىن ئىدارەنىڭ تەرەققىي قىلغان ئىستىخبارات نەزەرىيەسىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

‎ئۇ يەر شارى خاراكتىرلىك توقۇنۇشىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىغا، تېخنىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىگە ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىگە دىققەت تارتتى. ئۇنىڭ يېڭى كۈچ مەركەزلىرى ۋە ئىتتىپاق قۇرۇلمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بولغان كۆز قارىشى يەر شارى خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشىكە بولغان چوڭقۇر تونۇشنى نامايان قىلماقتا..

‎تۈركىيە ئىستىخبارات چۈشەنچىسىنىڭ يادروسدا، ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ۋە تەھدىتلەرنى بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپ بار. ئىبراھىم قالىن بۇ پىرىنسىپلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھدىدلەرنى بىچتىت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىخبارات، تور بىخەتەرلىكى ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، بىئولوگىيەلىك تەھدىت، ئېنېرگىيە، يېمەك-ئىچمەك بخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىداردىن ئايرىلالمايدۇ.

‎تەھدىتنى ئالدىن چۈشىنىش ۋە ئازايتىش ئۈچۈن دىتېرېنس (چېكىندۈرگۈچ كۈچ) يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم نىشان بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئۇسۇل ئىستىخبارات ئىدارەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۈچەيتمەكتە.

‎يەرشارىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىستىخباراتنىڭ دىپلوماتىيەدىكى رولىمۇ كۈنسېرى مۇھىم بولماقتا. تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، ئىراق، لىۋىيە ۋە قاراباغ قاتارلىق رايونلاردىكى كەچۈرمىشلىرى ئىستىخبارات رەھبەرلىكىدىكى دىپلوماتىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىبراھىم قالىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستىخبارات، دىپلوماتىيەسى تەڭپۇڭلۇقى بولمىغان تەھدىتلەرنى ھەل قىلىش ۋە يەر شارى ئىتتىپاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك رول ئويناشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر