2024-يىلىدا دۇنيا گېئوپولىتىكىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (01)

2084421
2024-يىلىدا دۇنيا گېئوپولىتىكىسى

2024-يىلىدا دۇنيا گېئوپولىتىكىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (01)

(جان ئاجۇن)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «2024-يىلىدا دۇنيا گېئوپولىتىكىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

مانا ئەمدىلىكتە 2024-يىلغا قەدەم قويدۇق. ئەمما رايونىمىزدا 2023-يىلدىن قالغان مەسىلىلەر ۋە توقۇنۇش جەريانلىرى بىزنى ئەسىر قىلىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيىتى ۋە قىرغىنچىلىقىمۇ داۋاملاشماقتا. بىر تەرەپتىن خۇسىيلارنىڭ باب ئەل ماندەب ۋە قىزىل دېڭىزنى تاقاپ قويۇشى ۋە ئامېرىكانىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىزدىنىشلىرىمۇ قالغان يېرىدىن داۋاملىشىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا. سۇداندا ئىچكى ئۇرۇش كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى رايون خاراكتېرلىك نورماللىشىش ۋە ئورتاق پايدا دىپلوماتىيەسى ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان بىر يىل كۈتۈلگەن ئىدى. ئەمما، ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىككە تولغان بىر مەنزىرىگە دۇچ كەلمەكتىمىز.  

2024-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىمۇ ئوتتۇرا شەرق يەنە قان كۆلىگە ئايلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتى ۋە قىرغىنچىلىقى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا. 22 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن غەززەدە ھەر كۈنى يەنە يۈزلىگەن پۇقرا ئۆلتۈرۈلمەكتە. غەرب دۆلەتلىرى غۇدۇرۇشۇپ قويغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا غەززەنى بېكار قىلىشنىڭ كېرەكلىكى ھەققىدە باياناتلار ئېلان قىلماقتا. ھاماس ۋە باشقا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى دۇچ كەلگەن غايەت زور كۈچ سىممېترىكلىكىگە قارىماي داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە بولسا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پەرۋاسىزچە قەدەملەرنى تاشلىماقتا.

مۇشۇ يېقىندا تۈركىيە ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى موسساد (MOSSAD( نىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيىتى ۋە جاسۇسلۇق تورلىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى 2006-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېيرۇتنى بومباردىمان قىلىپ، ھاماسنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن بىرىنى شېھىت قىلىشتىن يانمىدى. شۇنىڭدەك 3-يانۋاردا ئىراندا قاسىم سۇلايمانىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن بومبا پارتىلاپ يۈزگە يېقىن كىشى قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىمۇ سۈرىيە ئىراننىڭ مۇھىم بىر گېنېرالىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

بۇ خىل ھەرىكەت ئۇسۇلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوچۇق ھالدا ئۇرۇشىنى رايون خاراكتېرلىك ھالغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىران بولسا، تېخىچە خۇسىيلارنىڭ باب ئەل ماندەب ۋە قىزىل دېڭىزنى تاقاپ قويۇش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا ئىسرائىلىيەگە تۈزۈكىرەك جاۋاب قايتۇرۇپ باققىنى يوق. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، ھىزبۇللاھنىڭمۇ شىمالدا نۆۋەتتىكى چەكلىك ھەربىي جەڭدە تەڭ جاۋاپ قايتۇرۇش قائىدىسىنى يېڭىلايدىغان ياكى يېڭىلىمايدىغانلىقىنى تېخى ئالدىمىزدا كۆرىمىز.  لېكىن، تەدرىجى بولغان تەقدىردىمۇ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئوتتۇرا شەرقتىكى يەنە بىر ئالدىنقى سەپ بولسا سۇداندۇر. ئەپسۇسكى ئۇ يەردىمۇ مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بىر ئىچكى ئۇرۇش بار. بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ يەردە ئوتقا بېنزىن تۆكۈۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

شىمالدا بولسا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش قايتىدىن كەسكىنلەشمەكتە. رۇسىيەنىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتە ئىككىلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرمەكتە. ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەملەرنى توسۇپ قېلىشى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ھازىرقى مۇداپىئە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئۇكرائىنانى ئۈنۈملۈك قوللىيالماسلىقى تەڭپۇڭلۇقنى رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە توغرىلاپ بەرمەكتە. بۇ يەردە غەززە مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشىمۇ ئۇكرائىنانىڭ ياردەمگە ئىرىشىگە توسالغۇ بولماقتا. غەربكە نىسبەتەن قارار بېرىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى. ياكى ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ياردەمنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ۋە ياكى مەيداننى ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، ئۇكرائىنانى بۇلۇڭغا قىستاشقا باشلايدۇ.

 ئاخىرىقى ھېسابتا، 2023-يىلى مىراس قالغان چوڭ توقۇنۇش رايونلىرى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرسا، ھەم شىمال ھەم ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت توقۇنۇشلارنىڭ زورىيىپ، رايون خاراكتېرلىك ھالغا كېلىش ئېھتىماللىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. ئەپسۇسكى، 2024-يىلى ھەققىدە ياخشى سۆزلەرنى قىلىش ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر