ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئىشغالىيىتىنىڭ زىينى ئاشماقتا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (69)

2079643
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئىشغالىيىتىنىڭ زىينى ئاشماقتا

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئىشغالىيىتىنىڭ زىينى ئاشماقتا» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە قىرغىنچىلىقى ئۈچىنچى ئېيىغا قەدەم قويدى. غەززەدىكى ئېغىر ئىنسانى ئۆلۈملەردىن باشقا يەنە رايون خاراكتېرلىك دىنامىكلار بىلەن خەلقئارا سىياسەتلەرمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئامېرىكا بارغانسېرى يالغۇزلاشماقتا. خۇسىيلارنىڭ باب ئەل مەندەب بوغۇزى ۋە قىزىل دېڭىزدا ئىسرائىلىيە پورتلىرىغا مال توشۇيدىغان پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا باشلىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر ھېس قىلىنىشقا باشلاندى. ئۇكرائىنا سېپىدە بولسا، رۇسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇتۇقلىرىنى ئاشۇرماقتا. غەرب ئىتتىپاقىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى توقۇنۇشنى تەڭ قوللاش ئىقتىدارى ھەققىدە ئېغىر گۇمانلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

باب ئەل مەندەب بىلەن قىزىل دېڭىزدا دۇنيا تىرانسپورتىنىڭ تەخمىنەن %12-11 بۇ لىنىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭدەك  نېفىت تىرانسىپورتىمۇ يەنە بۇ لىنىيە ئارقىلىق داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئەڭ يېقىن لىنىيەسى دەل مۇشۇ يەردە. رايوننىڭ تىرانسپورت  ئۇل- ئەسلىھەلىرىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا لايىھەلەنگەن ئەھۋالدا. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى، يەمەندىكى خۇسىيلار (يەنى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى) ئىسرائىلىيەگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە پورتلىرىغا بارىدىغان ھەر بىر پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى جكارلىغاندىن كېيىن، چوڭ پاراخوتلارنىڭ كەينى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. خۇسىيلار پات- پات كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلسا، بەزىدە بىۋاسىتە پاراخوتلارنى بېسىپ، مۇسادىرە قىلغان ئەھۋاللارمۇ بار. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز تىرانسپورت شىركەتلىرى بۇ لىنىيەدىن ماڭمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باشقا يول سۈپىتىدە، ئۈمىد تۇمشۇقى ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش مۇزاكىرە قىلىنماقتا. ئەمما، بۇنداق بولغاندا مۇناسىۋەتلىك ماللارنىڭ كەم دېگەندە ئىككى ھەپتە كېچىكىدىغانلىقى ۋە تەننەرخىنىڭمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت بولغاندەك، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەرشارى سودىسى ۋە ياۋروپانىڭ تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر دېڭىز ئارمىيە قىسمى قۇرۇپ بۇ تەھدىتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى ئويلاشماقتا. لېكىن، خۇسىيلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ئەلخۇسىنىڭ باياناتلىرىدا كۆرۈنگىنىدەك، ھەم خۇسىيلارنىڭ ھەم خۇسىيلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق قوللىغۇچىسى بولغان ئىراننىڭ ئارقىغا چېكىنىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭمۇ خۇسىيلارنى توسۇپ قالالىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس.

قىزىل دېڭىزدا بۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە، ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى سېپىدىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. رۇسىيە كۈندىن-كۈنگە بېلىكىنى كۈچلەندۈردى. ئۇكرائىنانىڭ بولسا، غەربتىن ۋەدە قىلىنغان ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا پالاتاسى يېڭى ياردەملەرنى قىلىشنى خالىماي كەلمەكتە. ئىسرائىلىيەنى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەەتلەۋاتقان بولسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش سەۋىيەسى تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان ۋەزىيەتتە.  بۇنداق ۋەزىيەت داۋاملىشالايدىغاندەك ئەمەس.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىسرائىلىيە-غەززە لىنىيەسى ۋە ئۇكرائىنا-رۇسىيە لىنىيەسىدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن، نېتانياھۇدىن كەلگەن سىگناللار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يەردە ئىسرائىلىيەنىڭ يەكلىنىشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشى قىسمەن نەتىجە بېرىىشى مۇمكىن، ئەمما غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ بولسا، رۇسىيە بىلەن ھازىرقى ھەربىي مەيدان رېئاللىقىغا ئاساسەن مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشى  بىر تاللاشتەك قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىكى زورلاشلار ۋە تېڭىشلارنى  زېلېنسكىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلش-قىلماسلىقى تېخى نامەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر