2024 - يىلى خىرىسلارغا تولغان بىر يىل بولىدۇ

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (66)

2076986
2024 - يىلى خىرىسلارغا تولغان بىر يىل بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «2024 - يىلى؛ خىرىسلارغا تولغان بىر يىل بولىدۇ» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

2023-يىلى يۈز بەرگەن ئىشلار 2024-يىلى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان گېئوپولىتىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك سېنارىيەلەرنى كۆپ خىللاشتۇردى. 2024-يىلى 4 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس سايلامغا قاتنىشىدۇ. ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ھىندىستان، تەيۋەن ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەر ھالقىلىق سايلاملىرى بىلەن ئالدىنقى قاتارغا چىقتى. ئۇكرائىنا، غەززە، تەيۋەن مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە-ئەرەب توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى، ئېنېرگىيە باھاسىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كۈتۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، خەلقئارا سىياسەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يېقىنقى 24 ئاي ئىچىدە 78 توقۇنۇش پۈتۈنلەي قايتىدىن باشلاندى ياكى توڭلىتىلغان توقۇنۇشلار قايتىدىن توقۇنۇش باسقۇچىغا كىردى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا تەرتىپنىڭ توقۇنۇشچان خاراكتېرىدىكى ئەڭ روشەن ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

دۇنيا تەرتىپىدىكى ئۆزگىرىشلەر تېخىچە ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ نۇقتىدا ئامېرىكانىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا ئېغىر خىرىسلار مەۋجۇت. گەرچە خىتاي ھازىرچە ئامېرىكانى ھەربىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرالمىسىمۇ، يېقىن كەلگۈسىدە باشقا بەزى ساھەلەردە تەڭپۇڭلاشتۇرالايدىغان ئېھتىماللىقى بارلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋال خىتاينى يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ كۈچكە ئايلاندۇرالمىسىمۇ، ئەمما ئۆز رايونىدا ئامېرىكانى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدىغان ۋە كەينىگە ئىتتىرەلەيدىغان ياكى چېكىندۈرەلەيدىغان ھەربىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىسى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ئورنىغا قارىتا، بولۇپمۇ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن كېيىن ئېغىر ھۇجۇملارنى قىلىش يۈزلىنىشى پەيدا بولدى. بۇمۇ ئامېرىكانىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئەھۋال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتە ھازىرمۇ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچنىڭ بىرى. پۈتۈن ياۋروپانىڭ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئالدىدا تۈرىدۇ. لېكىن، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بولۇپمۇ ھىندىستان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رايون خاراكتېرلىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر رىقابەت ئېلىپ كەلدى. دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكى يوقالغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ غەززە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئىناۋىتىنى يوقاتقاندەك قىلىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدە – قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارالىق تەرتىپ بەرپا قىلىش نىشانى مەغلۇب بولغان، تېخىمۇ مۇھىمى باشقا ئاكتىيورلارنىڭ قانۇنسىزلىقلىرىغا سەۋەب يارىتىپ بەرگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

يەنە بىر سىستېمىلىق مەسىلە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى گېئوپولىتىكىلىق نىشانىدا تېخىچە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. رۇسىيە ئۇكرائىنانى قارا دېڭىزغا يېپىق بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا. فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ئەزا بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ بۇ نىشانى تېخىمۇ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئەمما، پۇتىننىڭ ھازىرچە ھەتتا 2024-يىلىغىچەمۇ بۇ نىشانىغا يېتەلىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۆزگەرمەس بىر جەڭ مەيدانى بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەتتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەڭ مەيدانىدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن قىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر پەرق پەيدا بولدى. گەرچە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سالمىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، جۇغراپىيە جەھەتتە، يەنى بۇ ئۇرۇش مەيدانىدا بىرەر كېڭىيىش ياكى ئىلگىرىلەش بولمايۋاتىدۇ. بۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس. شۇڭا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇش دىنامىكلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا. يەنە بىر مەسىلە، غەربنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان قوللىشىدۇر. گەرچە غەرب مۇھىم ھەربىي ياردەملەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەربىي ياردەملەر ھازىر مەيداندا ئويۇننى ئۆزگەرتىش رولىنى ئوينىيالمايۋاتىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنانى رۇسىيەگە قارشى غەلىبە قىلىشتا ھېچقانداق ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلالمىدى. دىپلوماتىيە سېپىدىمۇ تېخىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوق. بۇنداق ئىلگىرىلەشنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.

بۇ ۋەزىيەت ئۇكرائىنانىڭ بىرەر تىنچلىق مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشىغىمۇ توسالغۇ بولماقتا. چۈنكى ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانى ھازىرمۇ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇكرائىنادا 2024-يىلىدىمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئوخشاش شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بەلكىم ئۇكرائىنا ئۈچۈن ھالقىلىق ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالالايمىز. رۇسىيەدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ سايلامدا پۇتىننىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە چوڭ ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرمىسە رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەتنىڭ پۇتىننىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق داۋاملىشىدىغانلىقىنى  ئېيتالايمىز. رۇسىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە بولسا، يېڭى يۈزلىنىش بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلسا، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسدە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. يېغىپ  ئېيتقاندا، خەلقئارا سىياسەت مۆلچەرنىڭ ئەكسىچە يېڭى رىقابەت ۋە توقۇنۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر