ئىسرائىلىيەنىڭ 2 – ئېيىغا قەدەم قويغان ھۇجۇملىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (67)

2074236
ئىسرائىلىيەنىڭ 2 – ئېيىغا قەدەم قويغان ھۇجۇملىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرى

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىسرائىلىيەنىڭ 2 – ئېيىغا قەدەم قويغان ھۇجۇملىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ھاماس قارمىقىدىكى قاسسام بىرىگادىلىرى بىلەن باشقا چوڭ-كىچىك قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى چاقماق ھەرىكىتى باشلىغانلىقىغا ئىككى ئاي بولاي دەپ قالدى. ئىسرائىلىيە ئالدى بىلەن غەززەنى ھاۋادىن ۋەھىشىيلەرچە بومباردىمان قىلدى، ئاندىن غەززەنى شىمال ۋە جەنۇب دەپ ئىككىگە ئايرىپ، شىمالىي رايوننى قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلدى. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شىمالدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قارشىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە جەنۇبقىمۇ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.

ھاماس قارمىقىدىكى قاسسام بىرىگادىسى بىلەن باشقا چوڭ-كىچىك قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىكى «ئاقسا تۇفانى» دەپ ئاتالغان ھۇجۇمى يېڭى ئۇرۇش نەزرىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تېزگىنەكلىك ئۇچقۇلار ۋە پارامېتىرلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا ئېغىر زەربە بەردى. غەززە ئەتراپىغا جايلاشقان ھەربىي بازىلار پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى. كۆلىمى غەززەدىنمۇ چوڭ ئولتۇراق رايون كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

ئىسرائىلىيە خېلى بىر مەزگىلگىچە ھولۇقۇشتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي  قالغاندىن كېيىن، ناھايىتى ۋەھشىلەرچە جاۋاب قايتۇردى. ئىسرائىلىيە  پۇقرالارنى بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ھاۋادىن  بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى باشلىدى. غەززەنى شىمال ۋە جەنۇب دەپ ئىككىگە ئايرىپ، شىمالنى ئىشغال قىلدى. گەرچە ھاماسقا ھۇجۇم قىلىۋاتقىنىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ھەربىي ھەرىكەت ئۇسلۇبى، پۇقرالار ۋە ئۈست قۇرۇلمىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، قامالنى ئېغىرلاشتۇرۇش، ھەتتا خەلقنىڭ سۇ ۋە يېمەكلىككە ئېرىشىشنىمۇ چەكلەش، جۈملىدىن غەززەنى ياشاشقا بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى. شىمالدىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇنۇشى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى غەززە رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان بولسا، ئۇرۇشنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

گەرچە توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھىزبۇللاھ بىلەن يېڭى بىر ئۇرۇش فرونتى ئېچىلىپ ئچېىلمايدىغانلىقى ياكى ئۇرۇشنىڭ رايون خاراكتېرلىك تۈس ئېلىش ئالماسلىقى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، ئىراننىڭ تەسىرى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ھىزبۇللاھ ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ھازىرچە ئۇنداق ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى كۆرۈلدى. ئەمما كونتروللۇق ھالدا ۋە چەك - چېگرا دائىرىسى ئىچىدە ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى ھەر خىل ھەربىي ھەرىكەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارغان بولدى. ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگرىسىنى بويلاپ تۆۋەن سىجىللىق بىلەن ئىسرائىلىيەگە ئاندا ساندا ھۇجۇم قىلغان بولسا،  ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئامېرىكا بازىلىرىنى پات پات ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەسلى كۈتۈلمىگەن ھۇجۇملار يەمەندىكى ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىدىن كەلدى. خۇسىيلار ئىسرائىلىيەگە بىۋاسىتە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە قىزىل دېڭىزدىكى ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. رايوننىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بۇ ئەھۋالغا ئارىلاشماقچى بولماقتا.

ئىراننىڭ ۋاكالەتچى ئېلېمېنتلىرىنى ئىشقا سېلىپ پەلەمپەيسىمان لوگىكا بويىچە قەدەمممۇ قەدەم قول سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى دېگەن  سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا قاتناشمايدىغانلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىشى ۋە پۇقرالارنى سىنا قۇملۇقىغا سۈرگۈن قىلىشى بىلەن مىسىرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىن، بۇ تەڭلىمىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردىن بەكرەك ھەر خىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى ئىشقا سېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر