ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك تېمىسى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى «SETA» تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇننىڭ «ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك» تېمىلىق يازمىسى...

1864209
ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك

ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى تۈپەيلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، شۇنداقلا ھەم ئۇكرائىنا ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى سايىسىدا، 22 – ئىيۇل جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرىسىدا «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى» ئىمزالاندى. تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىمزالانغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى يەر شارى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ساھەسىدە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولدى.

رۇسىيەنىڭ 2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باشلىغان ئۇكرائىناغا باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز پورتلىرىدىكى نۇرغۇن يۈك پاراخوتلىرى قاپسىلىپ قالغانىدى. رۇسىيەنىڭ ئودېسسا شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قامال قىلىشى نەتىجىسىدە، يەر شارىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىمۇ زور تەھدىتكە ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا پورتىدا بېسىلىپ ياتقان نەچچە مىليون توننا ئاشلىقنىڭ ئېكسپورت لىنىيەسى تاقىلىپ قالدى. بۇ ئەھۋال ھەم مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشكە توسالغۇ پەيدا قىلغان بولسا، ھەمدە يېمەكلىك تاۋارلىرى باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بولۇپمۇ نامرات دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت بولۇپ قالدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل ھالدا دىپلوماتىيە قاتنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ھىمايىسىدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ، بىر ئاشلىق كارىدورى ئېچىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. نەتىجىدە، بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇكرائىنا پورتلىرىدا قاپسىلىپ قالغان ئاشلىقنىڭ تاشقى دۇنياغا ئەۋەتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان «ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر يۆتكىلىشىگە دائىر ھۆججەت»نىڭ ئىمزالىرى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 22 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا قويۇلدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، نەچچە ئايدىن بۇيان ئودېسسا پورتىدا قاپسىلىپ ياتقان تۇنجى پاراخوت يولغا چىقتى. ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرى ئىستانبۇلدىكى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە نازارىتى ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنادىن يىلىغا 50 مىليون توننا ئاشلىق، ئارپا، ئاپتاپپەرەس يېغى، كۆممىقوناق ۋە باشقا ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىناتتى. بۇ كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كەم دېگەندە 30 مىليون توننا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بىلەن تەڭ يەر شارى مىقياسىدا يېمەكلىك باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلىدى. دېمەك، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق يۈز مىليونلىغان كىشى يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ كېلىشىم تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچۈن زور دىپلوماتىك ۋە سىياسىي غەلىبە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەرپ قىلغان بۇ تىرىشچانلىقى ئۈچۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر